بىزنى چۈشۈنەمسىز؟
ئىئانە قىلىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر نۆۋەتتىكى پىلانلار جەمىيەتكە قۇشۇلاي بىزنى قوللاڭ بىزنى تەشۋىق قىلىڭ باش بەت
  • 11. UKY نىمۇ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۇنكى ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈنجى قېتىم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ھەم ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكىمىتىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ لاتىنچە ئەڭ ئاقىلانە ئىپادىلىنىشى. ئەشۈ ئۆلچەمنى توغرا ئىشلەتسىڭىزلا UKY دا يازغان ماتېرياللىرىڭىزنى ئويغان تور بېكىتى ئىككى يىل بۇرۇنلا تەمىنلىگەن ھەقسىز يۇمشاق دېتال Converter20.htm ۋە باشقا تورداشلار ياسىغان ھەقسىز دېتاللار بىلەن  ئۆلچەملىك Unicode قا ياكى كونا يېزىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا تەتۈرسىگىمۇ ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. 12. تور بېكەتلىرىنىڭ Unicode ئۆلچىمىنى ئىشلەتكىنىنى قانداق سىنايمەن؟  تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىڭ خالىغان بىرىنى سىناپ بېقىڭ: 1. تور بېكەتلىرىنى Netscape Navigator دېگەن جاھاننامىدە ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ؛ Microsoft Weft ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە كۆرسەتكەن تور بېكەتلىرىنىڭ فونت كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا چەك قويۇپ سىناڭ. شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھەممە مەزمۇنلار توغرا كۆرۈنسە، بۇ بەتنىڭ Unicode نى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 2. بۇ تور بېكەتتىكى خالىغان بىر ئۇيغۇرچە بۆلەكنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ  Write, Word ياكى باشقا بىر Unicode قوللايدىغان يۇمشاق  دېتالغا چاپلاپ نۆۋەتتىكى خەت نۇسخسى بولغان UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode نى مىكروسوفت تەمىنلىگەن خەت، نۇسخىسى Arial Unicode MS قا ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز ئۇ بۆلەكتىكى ھەممە خەتلەر توغرا كۆرۈنسە بۇ بەتنىڭ Unicode نى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.  ئەگەرسىز  Arial Unicode MS  نى قاچىلىمىغان بولسىڭىز Microsoft Office نى قاچىلىغان نۇردېسكىسىنى قايتا سېلىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى تاللاپ ئۇ فونتنى قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.  Arial Unicode MS نى قاچىلاش ئۇسۇلى  3. ئويغان تور بېكىتى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتقان، 2004-يىلى 17-يانۋار ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىندا (يىغىن خاتىرىسى: Birlik.htm ) ماقۇللانغان ئۆلچەملىك Unicode خەت نۇسخىسى UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode نىڭ كودىنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرچە Unicode جەدۋىلى بىلەن Unicode كومېتېتىنىڭ تور بېكىتىدىكى كودلارنى بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز، ياكى فونت ياسايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە Unicode جەدۋىلىئۇيغۇرچە Unicode جەدۋىلى پايدىلىق ئۇلىنىشلار:http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf  (Basic Arabic)http://www.unicode.org/charts/PDF/UFB50.pdf  (Arabic Presentation Forms-A)http://www.unicode.org/charts/PDF/UFE70.pdf  (Arabic Presentation Forms-B) 13. Unicode ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ چوقۇم ھەقسىز تارقىتىش كېرەكمۇ؟ ياق. ئۇنداق دەپ بەلگىلىمە يوق. بىراق بىر قىسىم ئالىيجاناپ كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كود قالايمىقانچىلىقىنى تۈزەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ ياسىغان يۇمشاق دېتاللىرىنى ھەقسىز تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلارغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز. ئەگەر سىز ئۇلارنى قوللىماقچى بولسىڭىز، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر Unicode ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللىرىڭىزنى پۇلغا ساتماقچى بولسىڭىز، سىزگە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى» (www.ukij.org) نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بېرىمىز. 14. مەن UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode دېگەن فونتنى قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە بەزى ھەرپلەر(مەسىلەن: ە، ى، لا) توغرا ئۇلانمىدى، قانداق قىلسام بولار؟ ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامالى بار:1. ئۇيغۇرچە Unicode بويىچە بىۋاستە كىرگۈزۈش يۇمشاق دېتالى – Uyghur Unicode IME 1.0  نى ئويغان تور بېكىتىدىن قاچىلاڭ. ئادرېس: UyghurUnicodeIME.htm  2. ئەگەر قاچىلىغاندىن كېيىن يەنە توغرا كۆرۈنمىسە، C:\WINNT\system32 نىڭ ئاستىدىكى ياكى C:\WINDOWSXP\system32 نىڭ ئاستىدىكى USP10.DLL دېگەن ھۆججەتنىڭ يېڭىلانغان ياكى يېڭىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. ئادەتتە ئۇ ھۆججەتنىڭ چوڭلىقى  KB 403  بولسا، نۇسخىسى 1.471.4030.0 بولسا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇر بولسا توغرا بولغان بولىدۇ. 3. ئەگەر ئۇلار توغرا بولمىسا ئۇ ھۆججەتنى قانداق ئۇسۇل بىلەن يېڭىلاشنى باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىن كۆرۈڭ. ( بەزى ئەھۋاللاردا ئۇ ھۆججەتنى C:\Program Files\Common Files\Microsoft Shared\OFFICE11 ياكى C:\Program Files\Common Files\Microsoft Shared\OFFICE10  دىن يۇمشاق دېسكىغا كۆچۈرۈۋېلىپ، DOS  ھالەتتە C:\WINNT\system32 ياكى C:\Windows\system32  نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭدىن ياخشىراق ئامال ئۈستىدە ھازىر ئىزدەنمەكتىمىز...)

  • 5. ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاچان ‍Unicode قا كىرگۈزۈلگەن؟ ئۇقايسى رايۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومېتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ئۇيغۇر كونا يېزىقى 1990-يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقارالىق 10646ISO ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمىگە ئەرەب يېزىقى بىلەن بىرلىكتە كىرگۈزۈلگەن. 1991-يىلى خەلقارا ئۆلچەملەشتۈرۈش يىغىنىنىڭ 641- ۋە 434- نومۇرلۇق ھۆججەتلىرىدە ماقۇللانغان.1992-يىلىدىكى كورىيە سىئول يىغىنىدا بېكىتىلگەن ھەمدە 1994-يىلى Unicode تەشكىلاتى تەرىپىدىن تولۇقلاپ ئېلان قىلىنغان.1998-يىلى دانىيەدىكى يىغىندا 18 قوشما ھەرپمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە ھەم تىل-يېزىق كومېتىتىدىكى ياسىن ئىمىن ئەپەندى بىلەن كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز). ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، «ى» ۋە «ې» ھەرپلىرىنىڭ قوشما-ئوتتۇرا شەكىللىرى قوشما ھەرپلەر قاتارىدىن ئۇنتۇلۇق قېلىنغان بولۇپ، گەرچە كېيىن ئۇلار ئۈچۈن ‍‍FBD1,FBD2 دىن ئىبارەت ئىككى بوش ئورون تولۇقلاپ ئىلتىماس قىلىنغان بولسىمۇ تاكى ھازىرغىچە تەستىقلانمىغان. ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئۈچۈن ئايرىم رايۇن ئېچىپ بىرىلمەي، ئۇنى ئەرەب ھەرپلىرىگە ئوخشىشىدىغان ھەرپلەر رايۇنىغا تەرتىپسىز، چېچىلاڭغۇ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان (0600- 06FF,FB50-FDFF, FE70-FEFF) . بۇ رايۇندا يەنە پارىسچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق يېزىقلارمۇ بار. قىسقىسى، 2.1Unicode نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار. ئەسكەرتىش: «ى» ۋە «ې» ھەرپلىرىنىڭ قوشما-ئوتتۇرا شەكىللىرى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىنغان ئورۇنلار -- ‍‍FBD1,FBD2 تېخىچە تەستىقتىن رەسمىي ئۆتمىگەن بولغاچقا، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ‍FBEA دىن FBFB غىچە بولغان ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ قوشما شەكىللىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرچە ھەرپلەر Unicode جەدۋىلىدە تولۇق ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئىشلەتمەيمۇ، ئەمزە (0626) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تولۇق ئىپادىلەشكە بولىدۇ. 6. قايسى فونتنىڭ ئىچىدە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار؟ مىكروسوفت شېركىتى تەمىنلىگەن Unicode 2.1 ئاساس قىلىنغان فونت Arial Unicode MS تە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار. دېمەك Unicode 2.1 ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بەزى فونتلاردا ئۇيغۇر ھەرپلىرى بار. 7. نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياسالغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللار خەلقارا ئۆلچەم ‍Unicode نى ياكى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنى ئىشلەتمىگەن؟ ئاساسلىق سەۋەبلەر بەلكىم تېخنىكا سەۋىيىسى كەمچىل بولۇش، ئۆزبېشىمچىلىق، ناتوغرا بازار رىقابىتى ئېلىپ بېرىش، يېتەكچىلىق قىلىدىغان ئورۇن ياكى ئادەم يوق بولۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بولسا كېرەك… 8. بۇندىن كېيىنكى يۇمشاق دېتال ياسىغۇچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ يۇمشاق دېتاللارنى قېلىپلاشقان خەلقارالىق ئۆلچەم Unicodeنى ياكى دۆلەتلىك ئۆلچەمGB18030-2000 نى ئاساس قىلىپ ياساشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 9. قانداق يۇمشاق دېتاللارنى ئالماسلىق ھەم ساتماسلىق كېرەك؟ ئۆلچەمگە چۈشمىگەن ھەر قانداق يۇمشاق دېتاللارنى. 10. Unicode نى ئىشلىتىش ھەم تەشۋىق قىلىشنى كىمدىن ۋە قاچاندىن باشلاش كېرەك؟ يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئەشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىشكە ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. بىراق تەشۋىقات يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس، ئەگەر سىزمۇ تونۇشلىرىڭىزغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويسىڭىز ياكى تور بېكىتىڭىزدە تەشۋىق قىلسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولىمىز...

  • ئۇيغۇرچە Unicode ھەققىدە
    بىرلەشكەن ئۇزار، بىرلەشمىگەن توزار... »ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى«

    1. Unicode دېگەن نېمە؟  Unicode(بىردىنبىر كود) دېگىنىمىز، مەيلى قايسى تىلدىكى ھەرپلەر بولسۇن، مەيلى قايسى خىلدىكى پروگراممىلار بولسۇن ۋە مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى بولسۇن، ھەرقانداق ھەرىپكە ياكى بەلگىلەرگە پەقەت بىردىنبىر كود (نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت كودلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. تەپسىلاتىنى http://www.unicode.org/standard/translations/uyghur.html دىن كۆرۈڭ. 2. Unicode ئۆلچىمىگە قانچىلىك ھەرپ سىغىدۇ؟ نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا 3.0 نۇسخسىغا جەمئىي 65،536 ئوخشاش بولمىغان ھەرپلەر ۋە باشقا بەلگىلەرنى سىغدۇرۇشقا بولىدۇ، ھەتتا ئۇنى كېڭەيتىپ بىر مىلىيۇنغا يەتكۇزۈشكىمۇ بولىدۇ.Unicode 3.0 نۇسخىسدا 57،709 ھەرپ، شەكىللەر ۋە بەلگىلەربولۇپ، ئەرەب، پارىس، ئىنگىلىز، روس، ئېسكىموس، نىمىس ... ئېلىپبەلىرىدىكى ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەرەبچە رايۇندا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرىمۇ بار.ئەڭ يېڭى نۇسخسى Unicode 4.0 بولۇپ، UTF-32 (UCS-4)  كودلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق 232 چىلىك ئوخشاش بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەرنى كودلاشقا بولىدۇ.  .3قايسى يۇمشاق دېتاللار Unicode نى قوللايدۇ؟ Mac O/S 9 & Mac O/S Windows NT/Windows 2000/XP/2003 Microsoft Office 97/2000/XP/2003... ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر بارلىق 2000 سىستېمىسىدىكى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۇندىن كېيىن چىققانلىرى ئاساسەن Unicode نى قوللايدۇ. 4. Unicode تۈزۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ مەقسەت ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغاندا، مەيلى ئۇ قايسى خىلدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى قايسى خىلدىكى يۇمشاق دېتاللار بولسۇن ئوخشاشلا خاتالىقسىز بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيۇتېرلاردا بىرلا ئۆلچەمنى يەنى Unicode ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشنى تەششەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى تۈزگەندە ئىنگىلىزلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردا بولسۇن، ئۆز يېزىقىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولغاچقا، ئىلگىرى ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىلاتتى، ھازىر بولسا يىلدا ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىلىدىغان بولدى.  Unicodeقا  ھەرقانداق بىر ھەرپنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقارا ئۆلچەملەشتۈرۈش كومېتېتى (ISO) نىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

  • 15. مەن Uyghur Tuz Unicode دېگەن فونتنى قاچىلىغاندىن كېيىنمۇ  ئۇيغۇرچە خەتلەر ئانچە چىرايلىق كۆرۈنمىدى، بۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟ UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode دېگەن فونتنىڭ ئەڭ چىرايلىق ھالىتى فونتنىڭ چوڭ كىچىكلىنى 14 كە ياكى ئۇنىڭدىن چوڭغا توغىرلاپ ئىشلەتكەندە كۆرىلىدۇ. تۆۋەندىكى كودنىHTML  نىڭ ئىچىدىكى<HEAD>  نىڭ ئارىسىغا قوشۇڭ.====================================== <style><!-- @font-face          {font-family:\"UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode\";          panose-1:0 0 0 0 0 0 0 0 0 0;          mso-font-charset:0;          mso-generic-font-family:auto;          mso-font-pitch:variable;          mso-font-signature:536895503 -2147483648 8 0 67 0;}--></style> ======================================يۇقۇردىكى كود فونت تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى مەشغۇلات سىستېمىسىغا تونىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىقراق كۆرىنىدۇ. ئەگەر سىز  HTMLھۆججەتكە يانداش .CSSھۆججىتى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى كودنى  .CSSھۆججىتى ئىچىگە قوشۇڭ. ======================================@font-face          {font-family:\"UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode\";          panose-1:0 0 0 0 0 0 0 0 0 0;          mso-font-charset:0;          mso-generic-font-family:auto;          mso-font-pitch:variable;          mso-font-signature:536895503 -2147483648 8 0 67 0;} html,body,td,div,p,input,select,textarea,span{FONT-SIZE:14pt;font-family:"Uyghur Tuz Unicode"}====================================== يۇقۇردىكى كود فونت تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى مەشغۇلات سىستېمىسىغا تونىتىدۇ، ھەم html,body,td,div,p,input,select,textarea,span دېگەن رايۇنلاردىكى فونت نامىنى UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode گە ۋە چوڭلىقىنى 14 كە توغىرلايدۇ.ئەسكەرتىش: UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicodeنى ئىشلىتىپ ياسالغان فونتلارنى ھەقسىز تارقىتىش بۇرۇندىنلا تەكىتلەنگەن، ئەگەر نۆۋەتتىكى UKIJ Tuz Tom, UKIJ Tuz , UKIJ Basma, UKIJ Nasq, Uyghur Tuz Unicode فونتىدىن چىرايلىقراق Unicode فونت ياسالسا، ئۇ فونت نامى ئەشۇ چىرايلىق فونت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.